ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قايتىدىن ئەۋجىگە چىقتى

ئۇكرائىنادا دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيە تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش قايتىدىن ئەۋجىگە چىقتى.

300383
ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قايتىدىن ئەۋجىگە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە فېۋرال ئېيىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئەكسىچە، ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار قايتىدىن ئەۋجىگە چىقتى.
توقۇنۇشلاردا تۈنۈگۈندىن ئېتىبارەن 3 نەپەر ئۇكرائىنالىق ئەسكەر بىلەن 4 پۇقرا ئۆلدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن رۇسىيە تەرەپدارلىرى ئامېرىكىلىق، گىروزىيەلىك ۋە پولشالىق مائاشلىق ئەسكەرلەرنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇكرائىنا پىرىزېدېنتى پېترو پوروشېنكو، گىروزىيەنىڭ سابىق پىرىزدېنتى مىخائىل سائاكاشۋىلىنى ئودېسسا رايونىغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. پوروشېنكو سائاكاشۋىلىنىڭ رايوندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
گىروزىيە پىرىزىدېنتى ۋاقتىدا جەنۇبىي ئوسېتيا سەۋەبىدىن رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئۇرۇنغان سائاكاشۋىلى ئۇكرائىنا گىراژدانلىقىغا ئۆتكەنىدى.
2 يىل ئىلگىرى گىروزىيەدىن ئايرىلغان سائاكاشۋىلى ئۈستىدە خىيانەت سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر