«ئىران ئوتتۇرا شەرقتە تېررورچىلارغا يانتاياق بولماقتا»

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەل-جەبۇير بىلەن قاھىرە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۈكرى ئىراننىڭ تېررورچىلارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

300173
«ئىران ئوتتۇرا شەرقتە تېررورچىلارغا يانتاياق بولماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن مىسىرغا بارغان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەل-جەبۇير، قاھىرىدە مىسرلىق مەنسەبدېشى سەمىھ شۈكرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئىراننىڭ رايوننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان يېگانە دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تېھراننىڭ تېررورىزىمنى قوللىشىنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىردەك تەكىتلەشكەن ئىككى مىنىستىر، يەمەن بىلەن سۈرىيەدىكى كىرزىسلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىنسانىي ياردەم پائالىيەتلىرى مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
يەمەندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار، پايتەخت سەنئاغا يېقىن جايدىكى بىر ھەربىي ئىسكىلاتنى بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا شىئە ھۇسىلەرگە تەۋە يېقىن ئورگانلارمۇ ۋەيران بولدى.
بۇنىڭدىن باشقا ھۇسىلەر بىر فىرانسىيەلىك ئايال بىلەن 4 ئامېرىكىلىقنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى، بىراق سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر