«ئىسلامغا قارشى نامايىشقا قورال ئېلىپ كېلىڭلار»

ئامېرىكىدا ئىسلامغا قارشى نامايىشقا قورال ئېلىپ كېلىش تەلەپ قىلىندى.

296808
«ئىسلامغا قارشى نامايىشقا قورال ئېلىپ كېلىڭلار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فىنىكس شەھىرىدە ئىسلامغا قارشى نامايىش ئۈچۈن Facebook ئارقىلىق تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا پائالىيەتچى، ئىشتىراكچىلاردىن نامايىشقا قورال ئالغاچ كېلىشلىرىنى تەلەپ قىلدى.
موتسىكىلىتلىقلاردىن تەشكىل تاپقان گۇرۇپپا، شەھەردىكى جامەنىڭ ئەتراپىدا بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسلامغا قارشى نامايىشقا تەييارلانماقتا.
گۇرۇپپا ئەزالىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تېما قىلىنغان ھەجۋىي رەسىم مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن جاي ۋە ۋاقىتتا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، سۈركىلىشنى بارغانسېرى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتمەكتە.
نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ئىشتىراكچىلاردىن ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ 2 – ماددىسىغا ئاساسەن قورال ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلماقتا.
نامايىشنىڭ «تېكساستا ئى ش ئى د بىلەن چېتىشلىقى بار 2 تېررورىست تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە 2 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولغان ھۇجۇمغا جاۋاب» تەرىقىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلات بولغان ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى، مۇسۇلمانلارغا چاقىرىق قىلىپ، بۇنداق ئىغۋاگەرلىك قىلمىشلىرىغا پەرۋا قىلماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئىسلام مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقى ئۇسامە شامىمۇ فىنىكس شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلاردىن ۋەقەلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر