ئىسپانىيەدە يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلدى
ئىسپانىيەدە تۈنۈگۈن (25-ماي) يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلدى، سايلامغا 35 مىليون سايلىغۇچى قاتناشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامغا مۇناسىۋەتلىك راي سىناش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپ خەلق پارتىيەسى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، مۇھىم شەھەرلەرنى قولدىن بېرىپ قويغان. بۇ پارتىيەنىڭ قەلئەسى ھېسابلىنىدىغان مادرىد ۋە ۋولېنسىيا شەھەرلىرىمۇ قولدىن چىقىپ كەتكەن. ئۆكتىچى پارتىيەلەر بولغان پودېدوس ۋە جىيۇدادانوس پارتىيەلىرى ئاۋازىنى ئاشۇرغان.
پودېموس پارتىيەسى 2008-يىلى باشلانغان ئىقتىسادىي كىرىزىستىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان خەلق ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە بىلىنىدۇ. بۇ پارتىيە مادرىد ۋە بارسىلونا شەھىرىدە غەلىبە قازانغان.
جىيۇدادانوس پارتىيەسى 2006-يىلى كاتالونيادا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىل تۇنجى قېتىم سايلامغا قاتناشتى.
يەرلىك سايلاملار ئىسپانىيەدە بۇ يىل ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامدىن بۇرۇن سىياسىي پارتىيەلەر ئۈچۈن مۇھىم كۆرسەتكۈچ سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە.