تالىبان ۋە ئەل قائىدە ئەزالىرىنى قويۇۋېتىش تەلەپ قىلىندى

پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى يۇسۇف رىزا گىلانى ئىككى يىل بۇرۇن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئوغلى بىلەن تۇنجى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشتى.

287691
تالىبان ۋە ئەل قائىدە ئەزالىرىنى قويۇۋېتىش تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى گىلانى ئۆزىگە نامەلۇم نومۇردىن تېلېفون كەلگەنلىكىنى ۋە ئىككى يىلدىن بېرى كۆرۈشەلمىگەن ئوغلى ئەلى ھايدار بىلەن سەككىز مىنۇت ئەتراپىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۇ جەرياندا ئوغلىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلار بىلەنمۇ سۆزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە: «گۆرۈگە ئېلىۋالغۇچىلار ئوغلۇمنىڭ سالامەت قايتىشى ئۈچۈن پاكىستان تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان تالىبان ۋە ئەل قائىدە ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى، ھېچقانداق فىدىيە تەلەپ قىلمىدى» دېدى.
يۇسۇف رىزا گىلانى 2008-2012-يىللىرى ئارىسىدا پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى بولغان بولۇپ، ئوغلى ئەلى ھايدار گىلانى 2013-يىلى ماي ئېيىدا مۇلتان رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئىدى.
پاكىستاننىڭ ھۇب رايونىدا پىرېزىدېنت مەمنۇن ھۈسەيىننىڭ ئوغلى سالمان مەمنۇن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان موتوسىكلىتقا قويۇلغان بومبا يىراقتىن تىزگىنەك ئارقىلىق پارتلىتىلدى. مەمنۇن ھۇجۇمدىن سالامەت قۇتۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر