ئىراننىڭ دەتالاشلىق ياردەم پاراخوتى جىبۇتى پورتىغا يېتىپ باردى

ئىراننىڭ يەمەنگە قاراپ يولغا چىققان ياردەم ئەشيالىرى پاراخوتى جىبۇتى پورتىغا يېتىپ باردى.

285573
ئىراننىڭ دەتالاشلىق ياردەم پاراخوتى جىبۇتى پورتىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلغان مەزكۇر ياردەم پاراخوتى، جىبۇتى پورتىدا ب د ت نىڭ ئالاقىدار خادىملىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ب د ت ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى، پاراخوتتىكى ياردەم ئەشيالىرىنى پاراخوتلارغا بېسىپ ئۆزلىرىنىڭ يەمەنگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، پاراخوتتا 2500 توننا ئېغىرلىقىدا ئۇن، گۇرۇچ، سۇ، يېپىنچا ۋە دورا بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكىلىق ئۇرۇشقا قارشى تۇرغۇچى 7 پائالىيەتچىمۇ ئىراننىڭ مەزكۇر ياردەم پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ جىبۇتىغا يېتىپ باردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پاراخوتنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئىرانمۇ پاراخوتنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىران ئارقىدىن قايتا بايانات بېرىپ، ياردەم ئەشيالىرىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن يەمەنگە يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە قوشۇلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر