دائېش رامادىنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزدى

دائېش (ئى ش ئى د) ئىراقنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىنىڭ شەھەر مەركىزى رامادىنى تولۇق كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى.

278723
دائېش رامادىنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش، مەھەللىي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ۋە ئارمىيە چېكىنىپ چىققان رامادىنى پۈتۈنلەي كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى ۋە شەھەردىكى نېفىت ئىسكىلاتى بىلەن بىر قىسىم ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ئوت قويۇپ بەردى.

دائېش رامادىنى قولغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئابادى، شىئە خەلق قوراللىقلىرىنىڭ سۈننىي مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئەنبارغا كىرىپ، دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىشى كىرىشى توغرۇلۇق يوليۇرۇق چۈشۈردى.

ئىلگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنبارلىق بىر قىسىم قەبىلە چوڭلىرى باش مىنىستىر ئابادىغا چاقىرىق قىلىپ، خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغانىكەن.

باش مىنىستىر ھەيدەر ئەلئابادى، دائېشنىڭ رامادىنىڭ %90 نى ئېلىپ بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلىپ، دائېشنى مەغلۇپ قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر