تۈركلەر پىكىر ئەركىنلىكىنى ياۋروپالىقلارنىڭ ئېسىگە سالماقتا

بېلگىيە تۈركلىرى ئاغزىلىرىنى قارا رەخت بىلەن ئېتىپ، «ماڭىمۇ قۇلاق سال» دەپ شوئار يېزىلغان ئوخشىمىغان تىللاردىكى لوزۇنكىلارنى كۆرسىتىپ چۈشكەن فوتوگرافلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتى.

275145
تۈركلەر پىكىر ئەركىنلىكىنى ياۋروپالىقلارنىڭ ئېسىگە سالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ياۋروپاغا پىكىر ئەركىنلىكىنى خاتىرىلىتىشنى نىشان قىلغان سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى تاراتقۇلاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تېزلا كېڭىيىشكە باشلىدى.
بۇ پائالىيەتكە باشلامچىلىق قىلغان بېلگىيە تۈركلەر مۇنبىرى 23-ماي تۈركلەرنىڭ ئاق رەڭلىك كۆڭلەك كىيىپ، رەخت بىلەن ئاغزىنى ئەتكەن ھالدا بىريۇسسېلدىكى شىمالىي پويىز ئىستانسىسىدا نامايىش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بېلگىيە تۈركلەر مۇنبىرى رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد يىلدىرىم بۇ نامايىش ۋە سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ياۋروپانىڭ پىكىر ئەركىنلىكىدىن قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئۇ: «ئاتالمىش 1915-يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولمىغان ئەرمەن دەۋالىرى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلغان بىر ۋاقىتتا، تۈرك خەلقىنىڭ پىكىر قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش، ياۋروپانىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەس» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر