فىلىپپىننىڭ پايتەختىدە ئوت ئاپتى يۈز بېرىپ 72 ئادەم قازا قىلدى

فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادىكى بىر زاۋۇتتا ئوت ئاپتى يۈز بېرىپ 72 ئادەم قازا قىلدى.

274478
فىلىپپىننىڭ پايتەختىدە ئوت ئاپتى يۈز بېرىپ 72 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا دەھشەلىك ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
پايتەخت مانىلادا سانائەت رايونىدىكى بىر ساپما كەش زاۋۇتىدا مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 72گە يەتتى.
كەپشەرلەش ماشىنىسىدىن چىققان ئۇچقۇنلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپتىدە زاۇۋتتىكى نۇرغۇن ئىشچى قازا قىلدى. ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىلەن ساقچىلار خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن بىنادىن ئونلارچە كىشىنىڭ جەسىتىنى ناھايىتى تەسلىكتە ئېلىپ چىقتى.
ئىشچىلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى تۆت كۆز بىلەن خەۋەر كۈتمەكتە. بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى فىلىپپىندىكى خىزمەت شارائىتلىرى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ئالاقىدار مەسئۇللار ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىۋەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر