تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئانتاليادا ئۇچراشتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئانتاليادا بىر يەرگە جەم بولدى.

272580
 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئانتاليادا ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 
تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا.
ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۈزلۈكسىز ياردەم بېرىش كۈچى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياردەم بېرىش كۈچى مەسىلىسى توغرۇلۇق تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. بولۇپمۇ ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەشتە ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئارىلىق رايون بەرپا قىلىش تەكلىپلىرىنى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. يىغىننىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ھەم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەم رايونلۇق ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دائىرىسىدە ئافغانىستانغا داۋاملىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. چاۋۇشئوغلۇ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى، رۇسىيە – ئۇكرائىنا كىرىسىنى كەڭ كۆلەملىك دىيالوگ ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چاۋۇشئوغلۇ، قىرىم تاتارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرۇلۇق توختالغاندا، قىرىمغا ئەۋەتىلگەن كۆزىتىش ھەيئىتىنىڭ قايتقانلىقىنى، پات يېقىندا دوكلات ھازىرلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن كانادالىق ۋە ئافغانىستانلىق كەسپداشلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن چاۋۇشئوغلۇ، كەچلىك تاماق زىياپىتىدە ۋىشېگراد 4 تەرەپ گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر