ئامېرىكا ئىران توغرۇلۇق مۇھىم قارار ئالدى

ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

267276
ئامېرىكا ئىران توغرۇلۇق مۇھىم قارار ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يادرو سۆھبەتلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى ماقۇللاش ياكى رەت قىلىش ھوقۇقى بېرىدىغان تەكلىپ لايىھەنى بىردەك قوبۇل قىلدى.
كومىتېتنىڭ جۇمھۇرىيەتچى رەئىسى روب كوركېر باشچىلىقىدا ئاۋازغا قويۇلغان تەكلىپ لايىھە 1گە قارشى 98 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.
ئالىي پالاتا ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن تەكلىپ لايىھەنىڭ ئاۋام پالاتا مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدىمۇ ماقۇللىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن.
مەزكۇر تەكلىپ لايىھەنىڭ تۈرتكىسىدە تېھراننىڭ يادرو قوراللارنى ئىلغارلاشتۇرۇشىغا توسالغۇ بولۇش ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى يىنىكلىتىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن مەجلىسكە بېرىلگەن مۆھلەت 60 كۈندىن 30 كۈنگە تۆۋەنلىتىلىدۇ.شۇنداقلا بۇ مۆھلەت ئىچىدە پىرېزىدېنت باراك ئوباما پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ. بىراق، مەجلىس تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ.
كېلىشىم مەجلىسكە 9-ئىيۇلدىن كېيىن سۇنۇلغان تەقدىردە كۆزدىن كەچۈرۈش مۆھلىتى قايتىدىن 60 كۈنگە چىقىرىلىدۇ.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما يادور سۆھبەتلىرى داۋاملىشىۋاتقاندا، مەجلىسنىڭ ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ لايىھەنى ماقۇللىشىغا قاتتىق قارشى چىققانىدى. بىراق ئاقساراي مەزكۇر قارار لايىھەنىڭ ئۆتكەن ئاي ئالىي پالاتا تاشقى ئالاقە كومىتېتىدا ماقۇللانغان كۈندە، ئىككى پارتىيەنىڭ مۇرەسسەلىشىشى نەتىجىسىدە تەييارلانغان يېڭى قارار لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر