ئەنگلىيەدە سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئىنگلىزلار 650 كىشىلىك پارلامېنتنىڭ يېڭى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ.
265656
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۆلچەرلىنىشىچە، سايلامدا ھېچبىر پارتىيە ئۆز ئالدىغىلا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقالىغۇدەك غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدىكەن.
راي سىناش نەتىجىلىرىگە كۆرە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن رەھبەرلىكىدىكى مۇزاپىزىكارلار پارتىيەسى بىلەن ئېد مىلىباند رەھبەرلىكىدىكى ئىشچى پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كەسكىن بولىدىكەن.
2010 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامغا % 65 خەلق ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلامغىمۇ مۇشۇ سەۋىيەدە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.