مارشال ئاراللىرى پاراخوتى ھۇرمۇز بوغۇزىدىن يىراقلاشتى

ئىران ھۇرمۇز بوغۇزىدا 28- ئاپرېلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مارشال ئاراللىرىغا تەۋە يۈك پاراخوتىنى پاراخوت مۇلازىمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە قويۇپ بەردى.

265860
مارشال ئاراللىرى پاراخوتى ھۇرمۇز بوغۇزىدىن يىراقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قويۇپ بېرىلگەن مەزكۇر يۈك پاراخوتى ئىران دېڭىز تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتتى. ئىران تەرەپ، پاراخوتتىكى 24 كىشىلىك پاراخوت مۇلازىمەتچىسىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلدى.

مارشال ئاراللىرى بايرىقى قادالغان مەزكۇر يۈك پاراخوتى پاراخوتنى ئىشلىتىۋاتقان دانىيە شىركىتى ئارىلىشىپ قالغان سودا كېلىشمەسلىكى سەۋەبىدىن نېفىت يۆتكەشتىكى مۇھىم دېڭىز يوللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ھۇرمۇز بوغۇزىدا ئىران تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەم ۋەزىيەتنى كۈزىتىش ھەم ئامېرىكا بايرىقى قادالغان پاراخوتلارنىڭ ھۇرمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە ھەمراھ بولۇشى ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە پاراخوتلارنى رايونغا ئەۋەتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر