پاكىستاندا ئايال پائالىيەتچىگە سۈيىقەست قىلىش ۋەقەسى يۈر بەردى

پاكىستان باش مىنىستىرى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى، جىنايەتچىلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

249456
پاكىستاندا ئايال پائالىيەتچىگە سۈيىقەست قىلىش ۋەقەسى يۈر بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستانلىق ئايال پائالىيەتچى ۋە (The Second Floor) ناملىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ باشلىقى سابىن مەھمۇد قوراللىق سۈيىقەستكە دۇچ كېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سۈيىقەست كارىچىدا يۈز بەردى.
موتسېكلىت مىنىۋالغان ئىككى كىشىنىڭ سابىن مەھمۇد كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلنى ئوققا تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۇجۇمدا ئايال پائالىيەتچى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە يېنىدىكى ئانىسى يارىدار بولدى.
پاكىستان باش مىنىستىرى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى، جىنايەتچىلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر