ب د ت نىڭ 10 نەپەر خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى

سومالىنىڭ گاروۋ شەھىرىدە ب د ت خادىملىرىنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوبۇس ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 10 نەپەر خادىم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

243008
ب د ت نىڭ 10 نەپەر خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ خادىملىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا، ب د ت نىڭ 10 خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھۇجۇم سومالىدىكى پۇنتلەند ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىي گاروۋدا يۈز بەردى.
ئاپتوبۇس ب د ت بالىلار فوندى بىناسىدىن شۇ شەھەردىكى ب د ت يېمەك – ئىچمەك ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسىغا كېتىۋاتقان بولۇپ، ئاپتوبۇس ئورۇندۇقىنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا يىراقتىن تىزگىنەك ئارقىلىق پارتلىتىلغان.
ھۇجۇمغا، ئەششاباب تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەششاباب تەشكىلاتى يېقىنقى يىللاردا پات – پات ب د ت ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر