ترابلۇستىكى جەنۇبىي كورېيە ئەلچىخانسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

كىملىكى نامەلۇم بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر، جەنۇبىي كورېيەنىڭ لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستىكى ئەلچىخانىسىنى ئوققا تۇتتى.

234258
ترابلۇستىكى جەنۇبىي كورېيە ئەلچىخانسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا لىۋىيەلىك 2 قوغدىغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەرلىك بىر جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ‹قوراللىق كىشىلەر بىر ئاپتوموبىل بىلەن كېلىپ، ئەلچىخانا بىناسىنى ئوققا تۇتۇپ، ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈردى، بىر ئادەمنى يارىلاندۇردى› دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل قىلدى. جەنۇبىي كورېيەنىڭ يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىمۇ سېئولدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە كورېيەلىك يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تىرابلۇستىكى ئەلچىخانا خادىملىرى ەقەگە ئىزاھات بېرىشنى رەت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر