موسكۋادا چاقىرىلغان 2 – قېتىملىق سۈرىيە يىغىنىدىن نەتىجە چىقمىدى

رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا سۈرىيە ھەيئىتى بىلەن قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا 2 – قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «سۈرىيە يىغىنى» نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.

232844
موسكۋادا چاقىرىلغان 2 – قېتىملىق سۈرىيە يىغىنىدىن نەتىجە چىقمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ھاسان ئابدۇلئازىم سۈرىيە ھەيئىتىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە سەمىمىيلىكىنى ئىپادىلىشى ئۈچۈن ئىشەنچلىك مۇھىت بەرپا قىلىشنى قوبۇل قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن يىغىننىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.
مىللىي چاقىرىق مۇنبىرى باشلىقى سەمىر ئەلئايتا سۈرىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جافەرىنىڭ مۇزاكىرىگە يېقىن كەلگىلى ئۇنىمىغانلىقىنى ۋە سەمىمىيلىكنى كۆرسىتىدىغان ماددىلارنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەلئايتا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «تېروررلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى، ئەمما قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى مۇزاكىرە قىلغاندا سەمىمىيلىكىنى كۆرسەتمىدى» دېدى.
ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن بۇرۇن، 1 – جەنۋە يىغىنى ئاساسىدا سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش؛ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەلقنىڭ بىرلىكىنى قوغداش؛ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش؛ تېرررورلۇقنى قوللاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى؛ سۈرىيە خەلقىگە يۈرگۈزۈلگەن بىر تەرەپلىمىلىك ئېمبارگولارنى قوبۇل قىلماسلىق قاتارلىق 10 تېمىدىن تۈزۈلگەن ئورتاق تېكىست تەييارلىغان ئىدى.
قوزغىلاڭچىلار تېكىستنى ئىمزالاش ئۈچۈن ئۆزئارا ئىشەنچ بەرپا قىلىدىغان ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى شەرت قىلدى. ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ھاسان ئابدۇلئازىم بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەيئىتىنىڭ ئىشەنچ مۇھىتى بەرپا قىلىش ماددىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن تېكىستنىڭ يوققا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
6 – ئاپرېل موسكۋادا سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ئۆز ئارىسىدا يىغىن ئۆتكۈزگەن ۋە كېيىنكى كۈنلەردە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.
موسكۋادا بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن 1 – قېتىملىق سۈرىيە يىغىنىغا ئوخشاش، 2 – يىغىنغىمۇ سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەر بىرلەشمىسى، ھەمدە نۇرغۇنلىغان مۇھىم كىشىلەر قاتناشمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر