بايدىن: دائېشقا قارشى كۈرەشتە توغرا يولدا ئىلگىرىلەۋاتىمىز

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىراقنىڭ كېلەچىكىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دائېش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، ئى ش ئى د) قا قارشى كۈرەشتە توغرا يولدا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

233069
بايدىن: دائېشقا قارشى كۈرەشتە توغرا يولدا ئىلگىرىلەۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن مىللىي مۇداپىئە ئۇنىۋېرستېتىدا ۋاشىنگتوننىڭ ئىراق سىياسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ ھازىرچە ئاخىرلاشمىغانلىقىنى ۋە تېخى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ دائېشنىڭ ئىراقتىكى كۈچىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، قولغا كىرگۈزۈۋالغان نۇرغۇنلىغان رايونلاردىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇرۇشقا بولغان پايدىلىق تەرەپلىرىنى چۈشەندۈردى. ئۇ بارلىق مەزھەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلاشماي تۇرۇپ، دائېشنى مەغلۇپ قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئىراقتا ئوخشىمىغان جايلاردا دائېشقا قارشى ئۇرۇشلار داۋام قىلماقتا. دائېش سالاھاددىن ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي تىكرىتكە قاراشلىق ئەددۇجەيىل بازىرىغا ھۇجۇم قىلدى. چىققان توقۇنۇشتا، ھازرەج قەبىلىسىنىڭ تۆت ئەزاسى ئۆلدى، 24 ئادەم يارىلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر