ھۇسىيلارغا قارشى باشلانغان ھاۋا ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا

يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھۇسىيلارغا قارشى باشلغان ھاۋا ھۇجۇمىغا 12 كۈن بولدى.

231574
ھۇسىيلارغا قارشى باشلانغان ھاۋا ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ يەمەندە باشلىغان «ئىرادە بورىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت 12 – كۈنىگە قەدەم قويدى. ھەرىكەتتە ھازىرغىچە 11 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 7 – ئاپرېل كېچە پايتەخت سانئادىكى ھۇسىيلار كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلدى. قۇرۇقلۇقتا بولسا، ھۇسىيلار بىلەن پىرېزىدېنت ھادىنىڭ ئەسكەرلىرى بىر – بىرىگە قارشى شىددەتلىك ئۇرۇش قىلدى. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە پورت شەھىرى ئەدەن پۈتۈن ئۇرۇشلارنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئايروپىلانلىرى ئەدەن ئەتراپىدىكى ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان ئەلئاناد ھەربىي بازىسىنى كومپەيكۇم قىلىۋەتتى. يەمەننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دالەئا شەھىرى ۋە نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى بار شەبۋا شەھىرىدە، پىرېزىدېنت ھادىنى قوللايدىغان قەبىلىلەر بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا كەسكەن توقۇنۇشلار يۈز بەردى.
يەمەننىڭ جەنۇبىدا، بىرلەشمە قىسىملار بىلەن پىرېزىدېنت ھادىغا قاراشلىق ئەسكەرلەرنىڭ ھۇسىيلارنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ھايات قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان يەمەن خەلقى يېمەك – ئىچمەك ۋە پاكىزە سۇ تېپىشتا قىينالماقتا. شەھەرلەردە بولسا، ئېلېكتىر توختاپ كەتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن قورقۇنچلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ب د ت بالىلار فوندى يەمەندە ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان 26 – مارتتىن بۇيان 560 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 74 كىچىك بالىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر