ئىتالىيە ساقچىلىرى نۇرغۇن كۆچمەننى قۇتۇلدۇرۇۋالدى

ئىتالىيە ساھىل بىخەتەرلىك ساقچىلىرى نۇرغۇن كۆچمەننى قۇتۇلدۇرۇۋالدى.

227383
ئىتالىيە ساقچىلىرى نۇرغۇن كۆچمەننى قۇتۇلدۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋاز رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە ساھىل بىخەتەرلىك ساقچىلىرى نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەننى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمىنى قۇتقۇزۇۋالدى.
ساقچىلار ئاق دېڭىز ساھىلىدا «ئۈمىدكە سەپەر» قىلىۋاتقان 500 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەننى دېڭىزغا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قالدى. 5 كېمىگە ئولتۇرۇپ ماڭغان كۆچمەنلەر ئاق دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئىتالىيەگە بارماقچى ئىدى. بۇ كېمىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش سىگنالىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىتالىيە ساھىل بىخەتەرلىك ساقچىلىرى، بالا ۋە ئاياللار بولۇپ جەمئىي 500 كۆچمەننى ساق سالامەت قۇتقۇزۇۋالدى.
كۆچمەنلەر ئىتالىيەنىڭ سىجىليا ۋە لامپېدۇسا ئاراللىرىدىكى پورتلارغا ئېلىپ بېرىلدى. ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىكى توقۇنۇشلار، نامراتلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى، مىڭلارچە ئىنسان ياۋروپاغا دېڭىز يولى ئارقىلىق كېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسى بىلەن، ئاق دېڭىزنى كىچىك كېمىلەر بىلەن كېچىپ ئۆتمەكچى بولغان كۆچمەنلەر، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا دېڭىز غەرق بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر