ئافغانىستاننىڭ خوست شەھىرىدە قانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ خوست شەھىرىدە چىرىكلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ۋالىيغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 17 ئادەم ئۆلدى.

222109
ئافغانىستاننىڭ خوست شەھىرىدە قانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلانغان مىڭلارچە كىشى ۋالىينىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىشقا باشلىغان ئەسنادا، بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىس بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتتى؛ ۋەقەدە 17 ئادەم ئۆلگەندىن سىرت 40 ئادەم يارىلاندى. ھۇجۇمدىن كېيىن شەھەردىكى بارلىق خىزمەت ئورۇنلىرى تاقالدى، شەھەرنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

مەزكۇر شەھەردە نويابىر ئېيىدىمۇ تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئەسناسىدا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 50 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر