دائېش تىكرىتنىڭ شەھەر مەركىزىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

ئىراق ئارمىيەسى شىئە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا دائېش قوراللىق كۈچلىرىنى تىكرىتنىڭ شەھەر مەركىزىدىن قوغلاپ چىقاردى.

220095
دائېش تىكرىتنىڭ شەھەر مەركىزىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە مۇھىم بىر ئۇتۇق قولغا كەلدى.
ئىراق ئارمىيەسى شىئە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا دائېش قوراللىق كۈچلىرىنى تىكرىتنىڭ شەھەر مەركىزىدىن قوغلاپ چىقاردى.
ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئابادى ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ تىكرىت شەھەر مەركىزىگىچە يېتىپ بارغانلىقىنى، شەھەرنىڭ جەنۇپ ۋە غەرىپ قىسىمىنى قۇتقۇزۇپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھەيدەر ئەل ئابادى شەھەرنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى ئىجتىمائيى تاراتقۇ ئارقىلىق ئېلان قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خالىسانە ئۇرۇشقا قاتناشقان كىشىلەرنى تەبرىكلىدى. ئۇ سۆزىدە: «ئىراق قىسىملىرى تىكرىتنىڭ شەھەر مەركىزىگىچە يېتىپ باردى. ئىراق بايرىقىنى قادىدى. ئەمدىلىكتە شەھەرنى تازىلىماقتا» دېدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ باياناتچىسى بولسا، شەھەرنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ كونتىروللۇقى دائېشنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، ھازىرچە «ئىش تۇگىدى» دەپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراق ئارمىيەسى تىكرىتنىڭ كونتىروللۇقىنى تارتىپ ئېلىش ئۈچۈن 2 – مارتتا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.
تىكرىتنىڭ كونتروللۇقىنى تارتىپ ئېلىش، پات يېقىندا مۇسۇلغا قىلىنىدىغان ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم، دەپ قارالماقتا.
خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بازىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى سۈرىيەدىمۇ داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىراقتا مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە دائېشقا قارشى 8 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر