پۇتىن پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ۋىلادىمىر پۇتىن 26-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا يىغىنىدا پەلەستىن ھەققىدە توختالدى.

285967
پۇتىن پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
پۇتىن مىسىرنىڭ شارم ئەل شەيخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلدى. پۇتىن پەلەستىنلىكلەرنىڭ پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ھەققى بارلىقى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
موسكوۋانىڭ ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشلىرى ۋە كۆپ سانلىقلار ئىشتىراك قىلىدىغان مۇزاكىرىلەر يولى ئارقىلىق پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان پۇتىن، ئەرەب دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ تىنچلىق يوللىرى ۋە سىرتقى كۈچلەر ئارىلاشمىغان ئەھۋالدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر