«دائېش» نورۇز قۇتلىغانلارنى جازاغا تارتتى

ھەر بىر كىشىگە نورۇز بايرىمى چەكلىمىسىگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن 90 دوللار جەرىمانە قويدى ھەمدە يەنە قۇرئان كەرىمدىن 3 سۈرە ياد ئېلىش ۋە تەۋبە قىلىشنى شەرت قىلدى.

275533
«دائېش» نورۇز قۇتلىغانلارنى جازاغا تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا تېررولۇق تەشكىلاتى «دائېش»نىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى مۇسۇل ۋىلايىتىدە گۈلخان يېقىپ نورۇزنى قۇتلىغان 65 كۇرد پۇقراسى جازاغا تارتىلدى.
مۇسۇلنىڭ نەبى يۇنىس، جەزايىر ۋە فايسالىيە مەھەللىلىرىدە كۇرد خەلقى نورۇز گۇلخىنى يېقىپ، ئوتتىن ئاتلاپ كۆڭۈل ئېچىشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نورۇز شاتلىقى «دائېش» مېلېتانلىرىنىڭ باستۇرىشى بىلەن يېرىمىدا توختاپ قالدى.
«دائېش» 65 كىشىنى تۇتۇپ، ھەر بىر كىشىگە نورۇز بايرىمى چەكلىمىسىگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن 90 دوللار جەرىمانە قويدى ھەمدە يەنە قۇرئان كەرىمدىن 3 سۈرە ياد ئېلىش ۋە تەۋبە قىلىشنى شەرت قىلدى.
«دائېش» ئىراق ئارمىيەسى چېكىنىپ كەتكەن 2014 – يىلى 10 - ئىيۇندىن كېيىن ئىراقنىڭ 2 – چوڭ ۋىلايىتى ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلنىڭ كونتىروللۇقىنى تارتىۋالغان ئىدى.
مۇسۇلنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋەزىيىتى بارغانچە يامانلاشماقتا.
يېقىلغۇ، تەبىئيى گاز، يېمەك - ئىچمەك ۋە پاكىز سۇ دېگەنگە ئوخشاش نۇقتىلىق تۈرمۈش بويۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجلارنى قامداش قىيىنغا توختىماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك جەھەتتىنمۇ «دائېش»نىڭ بېسىمى كۈنسىرى كۈچەيمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر