ئى ش ئى د ئافغانىستاندىمۇ ھەرىكەت باشلىشى مۇمكىنمۇ؟

خەلقئارا بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ ھاسەكى ۋە كوبانى شەھەرلىرى ئەتراپىدىكى ئى ش ئى د نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

268148
ئى ش ئى د ئافغانىستاندىمۇ ھەرىكەت باشلىشى مۇمكىنمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا پەشمەرگىلەر (شىمالىي ئىراق رايونلۇق قوراللىق قىسىم) نىڭ ئى ش ئى د (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى) غا قارشى كۈرىشى داۋام قىلماقتا. شىمالىي ئىراق رايونلۇق قوراللىق قىسىم كەركۈكنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ياھيا، سائاد ۋە خالىد قاتارلىق يېزىلارنى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھاۋا ياردىمى ئاستىدا ئى ش ئى د نىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋالدى.
ئىراق ھۆكۈمىتى تىكرىتنى ئى ش ئى د نىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ۋاقىتلىق توختاتتى، ئەمما تېخىمۇ كۆپ ھاۋادىن قىلىنىدىغان ياردەمگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئى ش ئى د غا قارشى بىرلەشمىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى جون ئېلىن، ئىراققا قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنىڭ ئى ش ئى د يوقىتىلغاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئى ش ئى د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراقتىن كېيىن ئافغانىستاندىمۇ ھەرىكەت قىلىشى كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلدى. لىۋىيەدە ئى ش ئى د بىلەن «لىۋىيە شەپىقى» ناملىق تىرابلۇس ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق قىسمى ئارىسىدا ئىككى كۈندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ تەسىرىدە سىرتەدىن قېچىش باشلاندى. ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدا توپلانغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىمۇ، ئى ش ئى د مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئافغانىستاننىڭ ب د ت دىكى ئالاھىدە ۋەكىلى نىكىلىس ھېيسىم، ئى ش ئى د نىڭ ھازىرچە ئافغانىستاندا تەھدىت پەيدا قىلمىغانلىقىنى، ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن چوڭ تەھدىتكە ئايلىنىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر