خىتاي قورال ئېكىسپورتىدا گېرمانىيەدىنمۇ ئېشىپ كەتتى

خىتاي قورال ئېكسپورتىدا گېرمانىيەدىنمۇ ئېشىپ ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

266559
خىتاي قورال ئېكىسپورتىدا گېرمانىيەدىنمۇ ئېشىپ كەتتى
  • خىتاي قورال ئېكىسپورتىدا گېرمانىيەدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈپ ئۈچىنچى ئورۇنغا چىققان بولسا، ئامېرىكا بۇ ساھەدە بىرىنچىلىكىنى، رۇسىيە ئىككىنچىلىكىنى ساقلاپ قالدى. خىتاينىڭ كېيىنكى 4 يىلدىكى قورال ئېكسپورتى 2005-يىلدىن 2009-يىلغىچە بولغان 4 يىلغا سېلىشتۇرغاندا 143% ئاشتى. شۇنداقلا تۈنۈگۈن چاقىرىلغان خەلق قۇرۇلتىيىدا كېلەر يىلى خىتاينىڭ ھەربىي راسخوتلىرى 10.1% ئاشۇرۇلىدىغانلىقى قارار قىلىندى.
    خەلقئارا قورال سودىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان سىتوكھولىم تىنچلىق ئىنىستېتۇتى سىپرىنىڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەنىڭ قورال ئېكسپورتى 45% ئازايغان.
    2010-يىلدىن 2014-يىلغىچە خىتاينىڭ دۇنيا بازىرىدىكى قورال ئېكسپورت ئۈلۈشى 5% ئاشقان. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ، دۇنيا قورال سودىسى بازىرىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكىنىڭ 31%لىك ئۈلۈشى، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان رۇسىيەنىڭ 27%لىك ئۈلۈشى، خىتاي يەتكەن سەۋىيەدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە بۇ ساھەدە تۆتىنچى ۋە بەشىنچى قاتاردا تۇرىدۇ.
    دۇنيا مىقياسىدا قورال سودىسى 16% ئەتراپىدا ئاشتى. ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قورال ئېمپورتى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئاشقان بولسىمۇ، ھىندىستان ھېلىھەم ئەڭ كۆپ قورال ئېمپورت قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىككىنچى ئورۇندا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئارقىدىن خىتاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى كېلىدۇ. خىتاي قوراللارنى ئۆزلىرىنى ئىشلەپچىقارغانلىقتىن، ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا كۆپ قورال ئېمپورت قىلمايدۇ.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر