رۇسىيە غەرب بىلەن تۈزگەن تارىخىي كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇردى

رۇسىيە، غەرب بىلەن موسكۋا ئارىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشقا خاتىمە بەرگۈزگەن ‹ياۋروپا دائىملىق قورال كۈچى توختامنامىسى› نى ئەمەلدىن قالدۇردى.

260060
رۇسىيە غەرب بىلەن تۈزگەن تارىخىي كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل نامىدىن بايانات بەرگەن رۇس دىپلومات ئانتون مازۇر، غەربنىڭ موسكۋانى بۇ قەدەمنى تاشلاشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، كېلىشىمنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. ‹ياۋروپا دائىملىق قورال كۈچى توختامنامىسى› 1990- يىلى ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيە تەرىپىدىن ئىمزالانغانىدى.

توختامنامە ناتو بىلەن ۋارشاۋا ئەھدىنامىسىگە تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ چېگرا رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئايروپىلان، تانكا، زەمبىرەك ۋە مىلتىققا ئوخشاش قوراللارغا ‹ئەمەلىي ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە› چەكلىمە قويۇشنى مەزمۇن قىلاتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن مەزكۇر كېلىشىمنى 2007- يىلى توڭلىتىپ قويغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر