دائېش «موسادنىڭ جاسۇسى»غا ئۆلۈم جازاسى بەردى

ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغان ۋېدىئودا «موسادنىڭ جاسۇسى» دەپ ئەيىپلەنگەن ئىسرائىلىيەلىك بىر ئەرەب ياش، دائېشنىڭ بالا ئەزاسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

257934
دائېش «موسادنىڭ جاسۇسى»غا ئۆلۈم جازاسى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قورقۇنچلۇق ۋىدېئولىرىدىن يەنە بىرسى ئېلان قىلىندى.
ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغان ۋېدىئودا «موسادنىڭ جاسۇسى» دەپ ئەيىپلەنگەن ئىسرائىلىيەلىك بىر ئەرەب ياش، دائېشنىڭ بالا ئەزاسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
بالا تېررورچىنىڭ ئالدىدا تىز چۆكۈپ ئولتۇرغان ئىسرائىلىيەلىك ئەرەبنىڭ ئىسمى مۇھەمەد مۇسەللەم بولۇپ، ئۇ تېخى 19 ياشتا، ئۆتكەن يېلى ئۆكتەبىردە دائېشقا قېتىلغان ئىدى. بىراق ئالدىنقى ئاي «موساد»قا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن دائېش تەرىپىدىن سۇت قىلىنغان ۋە دائېشنىڭ ئاتالمىش سوت مەھكىمىسىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ۋىدېئودا مۇھەممەد مۇسەللەم ئۆزىنىڭ «مۇساد»قا جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئائىلىسىنى توۋبە قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئالاھىدە چاقىرىقتا بولىدۇ. ئارقىدىن تەشكىلات ئىچىدىكى باشقا «مۇساد» جاسۇسلىرىغا قارىتىپ، ھەممىسىنىڭ پاش بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. مۇھەمەد مۇسەللەم ئېتىراپ سۆزلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن بالا تېرروچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.
مۇھەمەد مۇسەللەمنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئائىلىسى جاسۇسلۇق ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى. ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىمۇ بۇنى يالغانغا چىقاردى.
يەنە بىر تەرەپتە دائېشنىڭ ئۆلۈم جازاسى كۆرسىتىلگەن ۋىدېئولىرىغا ئالاقىدار يېڭى بىر ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقتى.
تەشكىلاتتىن ئايرىلىپ چىققان بىر مېلىتان ئىنگىلىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بەرگەن باياناتىدا، مەھبۇسلارنىڭ ۋىدېئودا ئۆلتۈرىلىشتىن ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن شۇنچە تىنچ تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاتتى.
سابىق مېلېتاننىڭ ديىشىچە، مەھبۇسلار ھەقىقىي ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ۋىدېئو پىراكتېكىسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، مەھبۇسلار كۆپ قېتىم يالغاندىن ئۆلتۈرۈلۈش پىراكتېكىسىنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا ھەقىقىي ئۆلتۈرۈلىشى ۋىدېئوغا ئېلىنىدىغان چاغدىمۇ پىراكتېكا دەپ ئويلاپ تىنچ ھالدا تۇرىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر