ئامېرىكىدا ساقچىلارغا قارشى غەزەپ پەسەيمىدى

تۆت كۈن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا قارا تەنلىك ياش تونى روبىنسوننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارشى قوزغالغان نامايىش داۋام قىلماقتا.

256507
ئامېرىكىدا ساقچىلارغا قارشى غەزەپ پەسەيمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىسكونسىن ئىشتاتىنىڭ مەركىزىي مادىسوندا، كۆپ قىسمى ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن مىڭلارچە ئادەم ئىشتاتلىق پارلامېنت بىناسى ئالدىدا توپلاندى. نامايىشچىلاردىن بەزىلىرى پارلامېنت ئىچىگە كىرىپ، مەسئۇل كىشىلەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەن ساقچىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. شەھەردە ۋەقەگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرسكە قاتناشمىدى.
روبىنسوننىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ نامايىشلارنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى. سىتتىلدىكى نامايىشتا، بىر ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىندى.
بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مىسسۇرى ئىشتاتىدا بىروۋىن، نىيۇ يوركتا ئېرىك گارنېر ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېچىلغان دەۋالاردا ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىنماسلىقى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر