غەرب ئەللىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانچە يىرىكلەشمەكتە

غەرب ئەللىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشمەكتە.

227466
غەرب ئەللىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانچە يىرىكلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەرب ئەللىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىرى بارغانچە يامانلاشماقتا.
ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى بىلەن بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار، دونېتسك ۋە مارىيپول ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە ناھىيەلەرگە مەركەزلەشمەكتە. ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرلىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىككى تەرەپنى ئالدىنقى سەپتىن چېكىنىشكە چاقىردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جېن پىساكى بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىنىڭ، خەلقئارا دىپلوماتىيە ۋە دۇنيا تەرتىپىگە زىيان بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇئاۋىن پىرېزىدېنت جون بايدىنمۇ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشىنكو ۋە باش مىنىستىر ئارسېنىي ياتسېنيۇك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا مەجلىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئالىي پالاتا ئەزاسىمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىيگە مەكتۇپ يېزىپ، رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى كۈچەيتىش ۋە ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ياردەم قىلىشقا چاقىردى. جون كېررىيمۇ ئەنگلىيەلىك مەنسەبدېشى فىلىپ ھامموند بىلەن لوندۇندا كۆرۈشۈپ رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
جون كېررىي ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە قورال-ياراغ ياردەم قىلىش مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇكرائىنانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ۋىكتور يانۇكوۋىچنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنىڭ ئىككىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن موسكوۋادا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى يانۇكوۋىچنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلىشىنى «ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ تەرىپلەپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر