ماراكەش لىۋىيە سەپەرلىرىنى توڭلىتىپ قويدى

ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، لىۋىيە ئايرودۇرۇملىرىدىكى بىخەتەرلىكنىڭ خەلقئارا پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە توشمىغانلىقى ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

220823
ماراكەش لىۋىيە سەپەرلىرىنى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا يەنە، لىۋىيەگە ئائىت ئايروپىلانلارنىڭ ماراكەش ھاۋا تەۋەلىكىنى ئىشلىتىشىنىڭمۇ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقى قەيت قىلىندى. بۇنىڭ كۈتۈلۈۋاتقان بىر قارار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە. تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د نىڭ لىۋىيەدە 21 مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈشىدىن سىرت يەنە بىخەتەرلىكنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب تەشكىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر