پۇتىن مىسىردا زىيارەتتە بولماقتا

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مىسىردا زىيارەتتە بولماقتا.

215760
 پۇتىن مىسىردا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىيارەتتە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى پايتەخت قاھىرەدە پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى قارشى ئالدى.
زىيارەتنىڭ دەسلەپكى كۈنى ئىككى رەھبەر قاھىرە ئوپېرا ئۆمىكى بىناسىدا مىسىر – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى مەزمۇن قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆردى.
پۇتىننىڭ زىيارىتىدە، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەر، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلىسى، تەبىئىي گاز، يادرو ھەمكارلىقى، پەن – تېخنىكا، ھەربىي ۋە سېلىنما قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر