ئى ش ئى د گە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئامېرىكىلىق مۇللېر ئۆلدى

ئى ش ئى د تېررورلۇق تەشكىلاتى، سۈرىيەدە ئەسىردە تۇتۇۋاتقان كايلا مۇللېر ئىسىملىك ئامېرىكىلىق ئايالانىڭ ئىيوردانىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

213771
ئى ش ئى د گە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئامېرىكىلىق مۇللېر ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولسا بۇ خەۋەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د گە ئائىت بىر خەۋەردە، مۇللېرنىڭ سۈرىيەنىڭ رەققە شەھىرى سىرتىدىكى بىر بىنادا تۇتۇلۇۋاتقانلىقى، ئىيوردانىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا بىنانىڭ يىقىلىشى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
يىقىلىپ چۈشكەن بىنانىڭ رەسىملىرىگە ئورۇن بېرىلگەن خەۋەردە، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقانلىقى قەيت قىلىندى.
تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىدە مۇللېرنىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر بىرەر پارچە رەسىم ياكى دەلىلگە ئورۇن بېرىلمىدى.
ۋاشىنگىتون دائىرىلىرى، ئى ش ئى د نىڭ قولىدىكى ئاخىرقى ئامېرىكىلىق ئەسىر بولغان 26 ياشلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى.
بىر ئۇچقۇچىنىڭ تىرىك كۆيدۈرۈۋېتىلىشىدىن كېيىن ئى ش ئى د گە قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قويۇقلاشتۇرغان ئىيوردانىيەمۇ خەۋەرگە گۇمان نەزىرى بىلەن قارىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر