ئۇكرائىنادا ۋەزىيەت قايتىدىن كەسكىنلىشىشكە باشلىدى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيەپەرەسلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتتىن نەتىجە چىقماسلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىيەت قايتىدىن كەسكىنلەشتى.

189685
ئۇكرائىنادا ۋەزىيەت قايتىدىن كەسكىنلىشىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيەپەرس قوراللىق كۈچلىرى مىنسىك كېلىشىمىدىكى ئۇرۇش توختىتىش لىنيەسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ قولغا كىرگۈزۈلغان دونېتسىك ئايرودۇرۇمىنى قايتۇرۇۋالدى. توقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئەسكەرلەردىن باشقا، يەتتە ياشلىق بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. تەرەپلەر ئاپتوبۇسنىڭ ئوققا تۇتۇلۇشى سەۋەبلىك 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا بىر – بىرىنى ئەيىبلىدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشېنكو كىيېۋدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشتا قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنانىڭ بىر غېرىچ زېمىنىدىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
رۇسىيە يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان قوراللارنىڭ قايتىدىن سايراشقا باشلىشى سەۋەبىدىن «قايغۇرۇۋاتقانلىق» باياناتى ئېلان قىلدى. كىرېمىل تەرىپىدىن تۈنۈگۈن (18 – يانۋار) ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ پوروشېنكوغا يازما مەكتۇپ يوللاپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللارنى چېكىندۈرۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقى، ئەمما كىيېۋنىڭ بۇ تەكلىپنى رەت قىلغانلىقى؛ ئورنىغا بولسا، باشقا ھېچقانداق تەكلىپ سۇنمىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر