ئامېرىكا ياۋروپادىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىدۇ

دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىدىن يىلىغا 500 مىليون دوللار تېجەپ قېلىشنى نىشان قىلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپادىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىش قارارى ئالدى.

178952
ئامېرىكا ياۋروپادىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەنگلىيەدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىش قارارى ئالدى.
بۇ دائىرىدە بازىدىكى 3 مىڭ 200 ھەربىي خادىم بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىرقانچە يىل ئىچىدە ئامېرىكىغا قايتىدۇ.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە گېرمانىيەدىكى بىرقانچە بازىنىڭ تاقىۋېتىلىدىغانلىقىنى؛ پورتۇگالىيەدىكى ئەسكەرلەرنىڭ سانىنىڭ ئازايتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگىل، بۇ ئارقىلىق ۋاشىنگىتوننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر