باڭلادىشتا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش باشلىدى

باڭلادىش مىللىيەتچى پارتىيەسى باشلىقى فەقرۇل ئىسلام ئالەمگىرنىڭ قولىغا ئېلىنىشى جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىشى سەۋەپ بولدى.

176583
باڭلادىشتا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادىشتا تالاش - تارتىشلىق ئومۇمىي سايلام بولغىنىغا بىر يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما تالاش - تارتىشلار تېخىچە بېسىققىنى يوق.
ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە سايلامنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلىشى بىلەن تەڭ ئۆكتىچىلەر نامايىشنى باشلىدى.
پايتەخت داككەدە ئاساسلىق ئۆكتىچى مىللىيەتچى پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى نامايىشلاردا ئاپتوبۇسلار بىلەن ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ بېرىلدى.
ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇش يۈز بەردى.
باڭلادىش مىللىيەتچى پارتىيەسى باشلىقى فەقرۇل ئىسلام ئالەمگىرنىڭ قولىغا ئېلىنىشى جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىشى سەۋەپ بولدى.
باڭلادىش مىللىيەتچى پارتىيەسى باشچىلىقىدىكى 18 پارتىيە تەرىپىدىن شەكىللەنگەن ئىتتىپاق، سايلامدا ھېلە ئىشلىتلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئالدىنقى يىلدىكى سايلامنى بايقۇت قىلغان ئىدى.
سايلامدا ئەنگە ئېلىنغان 40 سىياسىي پارتىيەدىن پەقەتلا ئايامى بىرلىكى بىلەن باش مىنىستىر شەيخ ھەسىنانى قوللىغۇچى 7 پارتىيە قاتناشقان بولۇپ، ئەنگە ئېلىنغان 92 مىليون ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سايلامغا قاتناشمىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر