ئەنگلىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى خاھىش بارغانچە كۈچەيمەكتە

باش مىنىستىر ديېۋىد كەمېرون 2017- يىلى خەلقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىدىن چىقىپ كېتىش ياكى كەتمەسلىك مەسىلىسىنى بىتەرەپ قىلىش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

171373
ئەنگلىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى خاھىش بارغانچە كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ديېۋىد كەمېرون گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ بۇ ھەپتە ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئەنگلىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرى لوندون – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

كەمېرون، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى ۋە بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەزى سىياسەتلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ كۈچلۈك كونترول قىلىش سالاھىيىتىنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان كەمېرون، بۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە، 2017- يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا خاتىمە بېرىش ياكى بەرمەسلىك مەسىلىسى بويىچە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيە ياۋروپادا ئەركىن ساياھەت دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرگە چەكلىمە قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلسا، باشقا رەھبەرلەر بۇنداق قىلىشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئەنگلىيەنىڭ تەلىپىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

ئەنگلىيەدە ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلاملار يېقىنلاشقانسېرى كەمېروننىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى بالداقلارغا كۆتۈرۈشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر