خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ كۇنشىڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ۋە ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

168886
خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جاڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى گۇمانى بىلەن پارىخورلۇق جىنايىتى دائىرىسىدە تەكشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
جاڭ كۇنشىڭ مىنىستىرلىقتىكى ئەڭ پېشقەدەم مىنىستىر مۇئاۋىنى ئىدى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبىرى بولغاندىن كېيىن، پارىخورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشنى چاقىرىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا، چىرىكلىكنىڭ پارتىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.ئۇ يەنە، «يولۋاسلار» دەپ ئاتالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن، «چىۋىنلەر» دەپ ئاتالغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغىچە ھەممىسىنىڭ پارىخورلۇقتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى ۋە پارىخورلۇقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر