لاتۋىيە 1 – يانۋار ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۈ

لاتۋىيە 2015 – يىلى 1 – يانۋار كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

166722
لاتۋىيە 1 – يانۋار ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۈ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىش سىياسىتىنىمۇ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگەن لاتۋىيە، غەربىي بالقان دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيە بىلەن ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىدە يېڭى قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى يولىدا خىزمەت ئىشلەيدۇ.
نۆۋەتچى رەئىسىلىك پىروگراممىسىغا كۆرە، لاتۋىيە تۈركىيەنىڭ ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا 2004 – يىلى ئەزا بولغان بالتىق دۆلىتى لاتۋىيەنىڭ 6 ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئەڭ مۇھىم پائالىيەت بولسا، 21-22 – ماي كۈنلىرى رىگادا چاقىرىلىدىغان شەرق بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەزمۇن قىلىنغان ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر