پۇتىن نەزەربايېۋ بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەن موسكۋادا كۆرۈشتى.

157494
پۇتىن نەزەربايېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ۋە نەزەربايېۋنىڭ كىيېۋ زىيارىتى مۇزاكىرە قىلىندى.
ۋلادىمىر پۇتىن: «كىيېۋدىن بۇ يەرگە كەلگىنىڭىزنى ۋە ئۇ يەردىكى ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا بىزگە مەلۇمات بېرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. تەبىئىي ھالدا كەلگۈسىدىكى بىر پۈتۈنلىشىش ھەققىدىكى پىلانلىرىمىز ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى پىلانلىرىمىزنى سۆزلىشىمىز» دېدى.
نەزەربايېۋ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. پۇتىن بىلەن نەزەربايېۋ يەنە، ياۋرو – ئاسىيا ئالىي ئىقتىساد كېڭىشى يىغىنىغىمۇ قاتنىشىدۇ.
قازاقىستان پىرېزىدېنتى نەزەربايېۋ 22 – دېكابىر كىيېۋدە زىيارەتتە بولغاندا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ئۈستىدە توختلىپ، «يۈز بەرمەسلىكى كېرەك بولغان قالايمىقانچىلىقلار» دېگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر