ب د ت ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى بان كىمۇن، ب د ت نىڭ كېلەر يىلى دۇنيا مىقياسىدا تۆت تېما بويىچە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

152374
ب د ت ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بان كىمۇن تۈنۈگۈن (17 – دېكابىر) نىيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۆت تېما ئىچىدىكى بىرىنچىسىنىڭ، يېڭى تەرەققىيات كۈنتەرتىپى شەكىللەندۈرۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ كېلەر يىلى پارىژدا ئېچىلىدىغان كونفېرانىستا، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ ئىككىنچى تېمىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە: «2015 – يىلنىڭ سۈرىيەدىكى قالايمىقانچىلىق ئاخىرلاشقان يىل بولۇشىنىڭ مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىدى. ئۇ ئۈچىنچى تېمىنىڭ، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئاشقۇنلۇققا ۋە ئاشقۇن ئوڭچىل پارتىيەلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر، كۆچمەنلەر ۋە بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نىشان قىلىنىشىغا قارشى تېخىمۇ كۆپ كۈرەش قىلىشىمىز لازىم» دېدى. ئۇ تۆتىنچى تېمىنىڭ بولسا، ب د ت نىڭ يېڭى دۇنياۋى ئۇپۇقلارغا ماسلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ كۇبا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىپ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبولا ۋىرۇسى ھەققىدىمۇ توختالدى ۋە بۇ ۋىرۇسنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ لىبېرىيە، سېررالېئون، گىنە ۋە مالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئاخىرىدا، بۈگۈن باشلايدىغان چەت ئەل زىيارىتىدە، ئېبولا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش مەركىزىي جايلاشقان گاناغا بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر