گېرمانىيەدە ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيەدە ئىرقچىلىققا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

149376
گېرمانىيەدە ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە مىقياسىدا باش كۆتۈرگەن ئىرقچىلىققا قارشى مىڭلارچە نېمىس كۆھلىندە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا قاتناشتى.
نۇرغۇن ئاممىۋى جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەن پائالىيەتتە بەزى نامايىشچىلار «ناتسىستلار چىقىپ كەتكىن» دېگەن شوئارلار يېزىلغان خەتلەرنى كۆتۈردى.
يىغىلىشتا نېمىس سەنئەتچىلەردىن سىرت ئۆزان ئاكھان بىلەن رەپ سەنئەتچىسى ئېكو فىرەش سەھنىگە چىقتى. كومېدىيە ئارتىسى فاتىھ چەۋىككوللو ئورۇندىغان نومۇر تاماشىبىنلارنى قاتتىق جەلپ قىلدى. چەۋىككولۇ سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن گېرمانىيەدە ئۆتكەن ئاي خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئىككى قىزنى قۇتقۇزۇش ئەسناسىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان تۇغچە ئالبايراك ئۈچۈن ھەممە ئادەمنى ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.
يىغىلىشتا قىلىنغان سۆزلەردە ئىرقچىلىق قاتتىق ئەيىبلەندى. بىر-بىرلىرىگە قارىشىدەك كۆرۈنگەن رادىكال دىندار ۋە رادىكال ئوڭچىللارنىڭ ئاساسلىق غەرىزىنىڭ ئوچۇق جەمئىيەتنى يوق قىلىش ۋە جەمئىيەتنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتىنى بۇزۇش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر