پاكىستاندا ئۆكتىچى پارتىيە تەرەپدارلىرى كەڭ كۆلەملىك نامايىش با

كاراچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان 27 رايونىدا خەلق كوچىلارغا چىقىپ ئولتۇرىۋالدى.

146679
پاكىستاندا ئۆكتىچى پارتىيە تەرەپدارلىرى كەڭ كۆلەملىك  نامايىش با

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا ئۆكتىچى پارتىيە تەرەپدارلىرى كوچىلارغا تۆكۈلدى.
پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھرى ھېسابلىنىدىغان كاراچىنىڭ 27 ئوخشاش بولمىغان رايونىدا ئولتۇرۋىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۆكتىچى پارتىيە تەرەپدارلىرى باش مىنىستىر ناۋاز شەرىپنى ئىستېپا بېرىشكە دەۋەت قىلدى.
نامايىشلار سەۋەبىدىن شەھەردە نۇرغۇنلىغان دۇكانلار تاقىلىپ كەتتى. قاتناش توختىدى.
ئىمران خان ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى 2013 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ شۈبھىلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش مىنىستىر ناۋاز شەرىپنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى.
ئىمران خان باش مىنىستىر ناۋاز شەرىپ ئىستېپا بەرمىسە، نامايىشلىرىنى پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر