رۇسىيە پىرېزىدېنتى ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى.

146103
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋلادىمىر پۇتىن، تۈنۈگۈن زىيارىتى دائىرىسىدە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشتى.
ئىككى رەھبەر ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە بىرقاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.
كېلىشىملەرگە كۆرە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.
ھىندىستاننىڭ بارغانسېرى ئېشىپ كېتىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن قۇرىدىغان 10 يېڭى يادرو رېئاكتورمۇ رۇسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى، دۆلەتتە تالاش – تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يېڭى يادرو رېئاكتورلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش، «پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى تۈپەيلى غەربنىڭ ئېمبارگولىرىغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى» دەپ قارالماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر