دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ سەلانىكتە

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن سەلانىكتە زىيارەتتە بولماقتا.

146090
دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ سەلانىكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئالدى بىلەن گىرېتسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېۋانگېلوس ۋېنىزېلوس بىلەن خىزمەت زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى.
چاۋۇشئوغلۇ، ۋېنىزېلوسقا ئامېرىكىدا داۋالىنىۋاتقان رۇم رەھبەر ئاناستاسىئادىسنى بىرلىكتە يوقلاش تەكلىپىنى سۇندى، ۋېنىزېلوسمۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلدى.
چاۋۇشئوغلۇ كېيىنچە قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 – نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتىنىڭ كېيىنكى بېكىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئۆيى ۋە ماكېدونىيە – تراكيا مۇسۇلمانلىرى مەدەنىيەت – مائارىپ جەمئىيىتى بولىدىكەن.
چاۋۇشئوغلۇ، ئاخىېرىدا تۈركلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان گۈمۈلجىنەدە زىيارەتتە بولىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر