چاۋۇشئوغلۇ ئىراندا زىيارەتتە بولىدۇ
دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، 17 – دېكابىر كۈنى ئىراندا زىيارەتتە بولىدۇ.
146093
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەۋاد زارىفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تېھراندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، زىيارەت جەريانىدا تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.