«ئى ش ئى د»غا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

بومباردىماندا 40 نەپەر مىلېتان ئۆلتۈرۈلدى ۋە 6 ھەربىي ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلاندى.

138989
«ئى ش ئى د»غا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
باغداتتا يۈز بەرگەن ئىككى ئايرىم ئايرىم بومبا ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلۈپ، 15 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دەسلەپكى ھۇجۇم باغداتنىڭ جەنۇبىدىكى مەھمۇدىيە رايونىدا مەيدانغا كەلدى. ھۇجۇمدا 3 كىشى ئۆلۈپ، 8 كىشى يارىدار بولدى.
ئىككىنچى ھۇجۇم باغداتنىڭ چوڭ كوچىلىرىدىن بىرسىدە يۈز بەردى ۋە 1 كىشى ئۆلۈپ، 7 كىشى يارىدار بولدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا بىرلەشمە قوشۇن «ئى ش ئى د»غا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بىرلەشمە ئارمىيە رامادىنىڭ شەرقىدىكى ئەس سەجارىيە ۋە غەربىدىكى ھەي ئەررەشىد، ئەلئۇبەيدە ۋە ئەلقائىم رايونلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
بومباردىماندا 40 نەپەر مىلېتان ئۆلتۈرۈلدى ۋە 6 ھەربىي ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلاندى.
«ئى ش ئى د» مىلېتانلىرى رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 3 نەپەر دۆلەت خادىمىنى ئۆلتۈردى.
تېررولۇق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ شەرقىدىمۇ قان تۆكۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
دەيرەززۇردا ئاپتوموبىل بامبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا تېررورچىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر