ئى ش ئى د گە يەنە قاتتىق زەربە بېرىلدى

ئى ش ئى د گە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توختاۋسىز داۋاملاشماقتا

210114
ئى ش ئى د گە يەنە قاتتىق زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ كوبانى ناھىيەسىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئېغىر تېپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلماقتا.
مەرگەنلەرمۇ قاتناشقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتتىق زەربە بېرىلدى. كۈرتلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھاۋادىن قىلغان ياردەملىرى نەتىجىسىدە 50 مىلىتاننى ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ راككا شەھرىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە 30 بازىنى بومباردىمان قىلدى. بۇ ئارىلىقتا، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا يۈز بەرگەن 2 ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 7 ئادەم قازا قىلدى، 12 ئادەم يارىلاندى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئىبادى ئىراق رايونلۇق كۈرت ھاكىمىيىتى باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچراشتى. يىغىندا رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر