فىرانسىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېمە كىرزىسى كۈچەيمەكتە

فىرانسىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش كېمىسى كىرزىسى بارغانچە كۈچەيمەكتە.

205254
فىرانسىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېمە كىرزىسى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيىوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوران فابيۇس بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، فىرانسىيەنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ياسىغان ئۇرۇش كېمىسىنى تاپشۇرۇش مەسىلىسىدە شارائىتلارنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيە 2011-يىلى رۇسىيە بىلەن 2 مىستىرال كېمىسىنى ياساش ۋە تاپشۇرۇش مەسىلىسىدە 1 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىغانىدى. فىرانسىيەنىڭ كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە، كېمىلەردىن بىرىنى نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە رۇسىيەگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا كىرزىسىدىكى رولى ئۈستىدە توختىغان فابىيۇس: «رۇسىيەنىڭ بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك يوللاردىن بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قوللىشى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇكرائىنانىڭ مەسئۇلىيەتسىزلاچە بەرگەن باياناتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.» دېدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن باشقا غەرب دۆلەتلىرى، ئۇكرائىنا كىرزىسىنى سەۋەب كۆرسىتىپ ئۇرۇش كېمىلىرىنى تاپشۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان فىرانسىيە ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتاتتى.
مىستىرال كېمىلىرى تاپشۇرۇلمىغان تەقدىردە فىرانسىيەنىڭ رۇسىيەگە ناھايىتى كۆپ تۆلەم پۇلى تۆلىشى كېرەك.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر