30 ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

ئىراق ئارمىيەسى بىلەن ئى ش ئى د مىلىتانلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.

202055
30 ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى، ساقچىلىرى، قەبىلە مەنسۇپلىرى ۋە شىئە قوراللىقلىرى ھىت ناھىيەسىدە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. ئىراقنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھىت ناھىيەسىدە 30 ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى، 20 مىلىتان يارىلاندى.

ئەنبار شەھىرىدە بولسا، خەلقئارا بىرلەشمە كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 پۇقرا يارىلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلدا ئىككى كۈننىڭ مابەينىدە ياغقان شىددەتلىك يامغۇر پەيدا قىلغان سەل سۇلىرى توختىغاندىن كېيىن 60 ئادەمنىڭ جەسىتى بار بىر كوللېكتىپ مازارلىق ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىگىلىنىشىچە، بادۇش تۈرمىسىگە يېقىن يەردىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ ئۈستىدە مەھبۇسلارنىڭ كىيىمى بار ئىكەن.

مەھبۇسلارنىڭ جەسەتلىرى قايتىدىن دەپنە قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر